تۈرلەر
ئىستانبۇلدىكى كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ ئورۇن ئالدى!
ئىستانبۇلدىكى كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ ئورۇن ئالدى!
تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان رامىزانلىق كىتاب يەرمەنكىسىدە بۇ يىل ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ ئورۇن ئالدى.
43-قېتىملىقىغا قەدەم قويغان بۇ يىللىق يەرمەنكە 27-فېۋرال كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلىنىپ، ئىستانبۇلدىكى مەشھۇر فاتىھ جامەسىنىڭ ھويلىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يەرمەنكە 17-مارتقىچە، ھەر كۈنى 10:30 دىن 23:00 گىچە داۋاملاشتى.
يىللاردىن بۇيان نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە ئاكتىپ، ئىزچىل خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئەۋلاد نەشرىياتى يەرمەنكە رايونىدىن مەخسۇس يەر ئېلىپ، مۇھاجىرەتتە نەشر قىلىنغان ياكى قايتا بېسىلغان ئۇيغۇرچە كىتاب-ژۇرناللار بىلەن يەرمەنكىگە قاتناشتى. بۇ ئەۋلاد نەشرىياتىنىڭ مەزكۇر يەرمەنكىگە ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىشى ھىسابلىنىدۇ.
يەرمەنكە دەۋامىدا سۈپسىلكىگە قىممەتلىك مېھمان قەدەم تەشرىپ قىلدى: ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن يىلدىرىم ئەۋلاد نەشرىياتى سۈپسىلكىنى بەۋاستە زىيارەت قىلىپ، نەشرىيات جەمئىيىتىگە دۇئا ۋە مەنىۋى قوللىقىنى يەتكۈزدى.
بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىشتىن مەقسەت نەمە؟ ئەۋلاد نەشرىياتى بۇنى ئۆز سۆزلىرى بىلەن مۇنداق ئىپادىلىدى:
«ئەۋلادلىرىمىز كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرچە كىتاب-ژۇرناللارنىمۇ كۆرسۇن، قولىغا ئېلىپ ۋاراقلاپ باقسۇن. كىشىلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆزيېشىنىلا ئەمەس، شۇنچە قىيىن شارائىتتىمۇ كىتاب-ژۇرنال نەشر قىلىۋاتقان، ئىلىم-مەرىپەتنى قولدىن بەرمىگەن ئۇيغۇر مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسۇن دېگەن ئۈمىدتۇر.»
شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىيات، مەتبۇئات، ئاخبارات، مائارىپ ساھەسى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان، مۇھاجىرەتتە بولسا ئۇيغۇر كىتابخانىلىرى ئارقىمۇ ئارقا تاقىلىپ قېلىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە، تۈركىيە دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىتاب يەرمەنكىسىگە ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ قاتناشتۇرۇلۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.
ئەۋلاد نەشرىياتىنىڭ بۇ خىزمىتى سىزلەرنىڭ قوللىقىڭىزغا باغلىق — قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭلار!
📍 ئىستانبۇل — فاتىھ جامەسى ھويلىسى 🌐 www.ewlatnesriyat.com